ئىران نېفىت باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىگە قارشى نامايىشقا قاتناشقان 20 ئادەمنى نازارەت ئاستىغا ئالدى
ئىراندا 20 ئادەم نېفىت باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارغا ئىشتىراك قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران مەھەللىي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قۇم ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى مۇدىرى ئابدۇررىزا ئاگاخانى، ئىران تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش مەقسىتىدە يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، ئىسيان كۆتۈرۈش، ئىش تاشلاش ۋە پۇقرالار ئىتائەتسىزلىكى قوزغاشقا چاقىرىق قىلغان شاھ تەرەپدارى 14 ئادەمنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەرلەردە يەنە، خەۋپسىزلىك خادىملىرىنىڭ ئىسفاھانغا قاراشلىق نەجەف ئاباد ناھىيەسىدە 3 ۋە لورىستان ئۆلكىسىگە قاراشلىق ئازنا ناھىيەسىدە 3 كىشىنى نېفىت باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىگە قارشى نامايىشلارغا قاتناشلىقى ئۈچۈن نازارەت ئاستىغا ئالغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
ئىراندا «شاھ تەرەپدارلىرى» دەپ ئاتالغان گۇرۇپپىنىڭ ئەزالىرى، چەت ئەللەردە ئىران ھاكىمىيىتىگە قارشى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بۇرۇنقى ئىران شاھى مۇھەممەد رىزا پەھلەۋىنىڭ ئوغلى رىزا پەھلەۋىنى قوللايدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
نىگېرىيەدە بىر جامەدە پارتلاش يۈز بېرىپ 11 ئادەم قازا قىلدى
نىگېرىيەنىڭ كانو ئۆلكىسىدىكى بىر جامەدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 11 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.