تالىبان تاخاردىكى بىر مۇھاپىزەتچىلەر پونكىتىغا ھۇجۇم قىلدى
تالىباننىڭ، ئافغانىستاننىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان تاخار ۋىلايىتىنىڭ خوجا باھائۇددىن ناھىيەسىدىكى مۇھاپىزەتچىلەر پونكىتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 17 مۇھاپىزەتچى جېنىدىن ئايرىلدى.
1331377
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاخار ۋالىيلىق مەھكىمىسى باياناتچىسى جەۋاد ھىجرى، تالىبان ئەزالىرىنىڭ خوجا باھائۇددىندىكى مۇھاپىزەتچىلەر پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىپ، 17 مۇھاپىزەتچىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى، 4 مۇھاپىزەتچىنى يارىلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ، زاپاس قىسىملارنىڭ رايونغا يېتىپ كېلىشى بىلەن تالىبان ئەزالىرىنىڭ چېكىندۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
تالىباننىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا بولسا، ھۇجۇمدا 21 مۇھاپىزەتچىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.