كۆچمەنلەر كېمىسى كۆمتۈرۈلۈپ كېتىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى
«ۋان كۆلى» دە كۆچمەنلەر كېمىسى كۆمتۈرۈلۈپ كېتىپ 7 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1329737
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋان ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىتلىسنىڭ ئادىلجەۋاز ناھىيەسىدە، پاكىستانلىق، باڭلادېش ۋە ئافغانىستانلىقلاردىن تەشكىل تاپقان تەرتىپسىز كۆچمەنلەر ئولتۇرغان كېمە كېچە سائەت 2 يېرىم 3 ئارىلىقىدا «ۋان كۆلى» دە كۆمتۈرۈلۈپ كەتكەن، قازادا 7 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 64 كىشى يارىلانغان، ياردىدارلار ئادىلجەۋاز، ئاھلەت ۋە تاتۋاند ناھىيەلىرىدىكى دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
قازادىن كېيىن ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ئېنىقلاپ چىقىلىشى ئۈچۈن تەكشۈرۈش باشلانغان.