ترامپ ھۆكۈمىتى تۈركىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە قارشى چىقتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيە بىلەن «S-400» كېلىشىمى ئىمزالىغان تۈركىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى تەكلىپ قىلغان قانۇن لايىھەسىگە قارشى چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1328616
ترامپ ھۆكۈمىتى تۈركىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە قارشى چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ «Daily Beast» تورى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈركىيەگە (رۇسىيەدىن S-400 باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى ستىۋالغانلىقى ئۈچۈن) ئېمبارگو يۈرگۈزۈش تەكلىپ قىلىنغان ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ قارارىنى ساقلاۋاتقان قانۇن لايىھەسى توغرىسىدا، كېڭەش پالاتا ئەزالىرىغا ئەۋەتكەن يەتتە بەتلىك دوكلاتنى ئاشكارىلىدى.

دوكلات ئاساسلانغاندا، پىرېزىدېنت ترامپ ھۆكۈمىتى تەكلىپ قانۇنلاشقان ئەھۋالدا تۈركىيە-ئامېرىكا مۇداپىئە سودىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

دوكلاتتا، بۇنداق لايىھە بىلەن تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلىدىغانلىقى ياكى تۈركىيەنىڭ قورال-ياراغلار ئۈچۈن «باشقا دۈشمەن قورال تەمىنلىگۈچىلىرى» گە يۈزلىنىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ: «بۇ قانۇن لايىھەسى ئوخشاش ۋاقىتتا، تۈركىيەنى ناتودا خۇددىي چەتكە قاققاندەك مۇئامىلە قىلىش ھېسابلىنىدۇ» دېيىلدى.

دوكلاتتا يەنە، سۈرىيەدە «ئامېرىكا ئەسكەرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇش قىلغان كۈرت (كورد) جەڭچىلەر» دەپ ئاتالغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ|پ ك ك ۋە س د گ (سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى) تېررورىستلىرىغا «ئالاھىدە كۆچمەن ۋىزىسى» بېرىش لايىھەسىگىمۇ نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى، تۈركىيەگە، رۇسىيەدىن «S-400» سېتىۋالغانلىقى ۋە سۈرىيەدىكى ھەرىكەتلىرى سەۋەبلىك ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى تەكلىپ قىلغان قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلىغان ئىدى.

تۈركىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش تەكلىپ قىلىنغان يەنە بىر قانۇن لايىھەسى بولسا، 2019-يىلى 29-ئۆكتەبىر ئاۋام پالاتاسىدا قوبۇل قىلىنغان ئىدى.

ئېمبارگو لايىھەلىرى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئومۇمىي كېڭىشىدە قوبۇل قىلىنغان ئەھۋالدا، كېڭەش پالاتاسى بىلەن ئاۋام پالاتاسىدىكى لايىھەلەر پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ئالدىغا كەلمەستىن بۇرۇن بىرلەشتۈرۈلۈشى كېرەك.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر