ئامېرىكاغا تەۋە بىر ئايروپىلان كورېيە يېرىم ئارىلىدا چارلاش ئېلىپ باردى

10 كۈن ئىلگىرىمۇ كورېيە يېرىم ئارىلى ۋە ياپونىيەگە يېقىن جايلاردا ئامېرىكا ئارمىيەسىگە تەۋە «B-52» تىپلىق ئىستىراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئ ئايروپىلانىنىڭ كۆرۈلگەنلىكى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

1327612
ئامېرىكاغا تەۋە بىر ئايروپىلان كورېيە يېرىم ئارىلىدا چارلاش ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە خەۋەر ئاگېنتلىقى يونھاپتا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئايروپىلان كۆزىتىش تورى «Aircraft Spots» كورېيە يېرىم ئارىلىدا ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە «ait RC-135W Rivet Joint» تىپلىق چارلاش ئايروپىلانى بايقالغان.

10 كۈن ئىلگىرىمۇ كورېيە يېرىم ئارىلى ۋە ياپونىيەگە يېقىن جايلاردا ئامېرىكا ئارمىيەسىگە تەۋە «B-52» تىپلىق ئىستىراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلان بىلەن «Global Hawk» ناملىق ئۇچقۇچسىز ئايروپىلانىنىڭ كۆرۈلگەنلىكى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

بۇ ئارىلىقتا شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلىرى قاتناشقان بىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يونھاپ ئاگېنتلىقىنىڭ شىمالىي كورېيە خەۋەر ئاگېنتلىقى «KCNA» نى مەنبە كۆرسىتىپ ئېلان قىلغان خەۋرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، مەزكۇر يىغىندا شىمالىي كورېيە ئارمىيەسىنىڭ ئومۇمىي نۇقتىدىن كۈچلەندۈرىلىشى ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشقا بولىدىغانلىقى مۇزاكىرە قىلىنغان.

كىم جوڭئۇن ۋە ھەربىي مەسئۇللارنىڭ يىغىندا شىمالىي كورېيەنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر