موسكۋادا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ بىر نەپەر دۆلەت خەۋپسىزلىك خادىمى قازا قىلدى

1326536
موسكۋادا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى (FSB) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، بىر زوراۋان FSB بىناسى ئەتراپىغا قوراللىق ھۇجۇم قىلغان، ھۇجۇمدا FSB نىڭ بىر خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، زوراۋان بىناغا كىرىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن مۇۋەپپەق بولالمىغان، ھەمدە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ مۇداخىلىسى نەتىجىسىدە بىر تەرەپ قىلىنغان.

سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەدە 5 كىشى يارىلانغان، ۋەقەدىن كېيىن دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان.

كىرېمىل سارىيى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىشلىرى باياناتچىسى دمىترى پېسكوۋنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ھەقتە پىرېزىدېنت پۇتىنغا دوكلات سۇنۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر