ئىسرائىلىيە غەززەنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى غەززەنىڭ شىمالىدىكى بىر نۇقتىنى بومباردىمان قىلدى.
1325860
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ 7 قېتىملىق بومباردىمانىدا ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان باياناتتا، غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە ئېتىلغان راكېتامىيوتنىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىلىرى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلغانىدى.