خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى پارتلاشتا 14 كىشى ئۆلدى
خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بىر كۆمۈر كاندا گاز پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 14 كىشى ئۆلدى ۋە 2 كىشى كاندا قاپسېلىپ قالدى.
1324679
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى گۈيجۇ ئۆلكىسىگە قاراشلىق گۈيياڭ شەھىرىدە بىر كۆمۈر كاندا گاز پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.
پارتلاشتىن كېيىن 14 كان ئىشچىسىنىڭ جەسىتى چىقىرىلغان ۋە 2 كىشى كاندا قاپسېلىپ قالغان.
قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.