ئافغانىستاندا توقۇنۇش يۈز بەردى

ئافغانىستاننىڭ گور ۋىلايىتىدە تالىبان بىلەن خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 3 نەپەر خەۋپسىزلىك خادىمى جېنىدىن ئايرىلدى.

1324312
ئافغانىستاندا توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گور ۋىلايىتى ۋالىيسى غۇلام ناسىر ھازى مەتبۇئاتقا بايانات بېرىپ، خەۋپسىزلىك كۈچلىرى دەۋلەتيار ناھىيەسىدە تالىبانغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەسناسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى، توقۇنۇشتا ئۈچ خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 9 ىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، قارشى تەرەپتىن 23 قوراللىق ئۇنسۇرنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋالىي غۇلام ناسىر ھازى، زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق تالىباننىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى بىر قانچە يېزىنىڭ تازىلانغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تالىبان تەرەپ ۋەقە توغرىسىدا ھازىرغىچە بايانات بەرمىدى.

يەنە، ئافغانىستاننىڭ غەربىي قىسمىدىكى ھىرات ۋىلايىتىنىڭ 10 – رايونىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ساقچىلار كىملىكى نامەلۇم كىشىلەرنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى؛ ۋەقەدە ئۈچ ساقچى ئۆلدى، ھۇجۇمچىلار قېچىپ كەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر