ئارگېنتىنا بولىۋىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتىنى قوبۇل قىلدى

ئارگېنتىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فېلىپې سولا (Felipe Sola) بولىۋىيەدە ئۆكتىچىلەرنىڭ ۋە ئارمىيەنىڭ بېسىمى بىلەن ھوقۇقىدىن ئىستېپا بەرگەن پىرېزىدېنت ئېۋو مورالېسنىڭ ئارگېنتىناغا پاناھلىق تىلەپ كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1322678
ئارگېنتىنا بولىۋىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئارگېنتىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فېلىپې سولا ت ن (TN) تېلېۋىزىيەسىنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بولىۋىيەنىڭ ھوقۇقىدىن ئىستېپا بەرگەن پىرېزىدېنتى ئېۋو مورالېس ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغانلار توغرىسىدا: «دۆلىتىمىزگە كىرىشى ئۈچۈن ئۇلارغا پاناھلىق تىلەش ھوقۇقى بېرىلدى. بىراق، ھازىر پاناھلىق تىلىگۈچى سالاھىيىتىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن كېرەكلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىدۇ. بۇ باشقىچە ئەھۋال. پاناھلىق مەسىلىسىدە بەزى شەرتلەر بار» دېدى.

ئۇ مورالېسنىڭ ئارگېنتىنادا ئۆزىنى ئىنتايىن ياخشى ھېس قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بىزدىن ئالاھىدە قوغداشنى تەلەپ قىلمىدى. بىز مورالېستىن سىياسىي باياناتلار ئېلان قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلىمىز، تەلىپىمىز پەقەت مۇشۇلا» دېدى.

ئۇ ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتىنىڭ بولىۋىيەدىكى ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت ئانېز (Jeanine Anez) نى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى، چۈنكى ئانېز ھۆكۈمىتىنىڭ سايلانمىغانلىقىنى ۋە مەلۇم كۈچلەر تەرىپىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

بولىۋىيەنىڭ ھوقۇقىدىن ئىستېپا بەرگەن پىرېزىدېنتى مورالېس بىلەن بىرلىكتە، سابىق مۇئاۋىنى ئالۋارو گاركىيا لىنېرا (Alvaro Garcia Linera)، سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىيېگو پارىي رودرىگېز (Diego Pary Rodriguez) ۋە سابىق سەھىيە مىنىستىرى گابرىيېلا مونتانو (Gabriela Montano) لارنىڭ ئارگېنتىنادىن پاناھلىق تىلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بولىۋىيە ئارمىيەسى ۋە ئۆكتىچىلەرنىڭ بېسىمى بىلەن ھوقۇقىدىن ئىستېپا بەرگەن ئېۋو مورالېس 2019-يىلى 12-نويابىر مېكسىكاغا كەتكەن ئىدى. مورالېسنىڭ 2019-يىلى 6-دېكابىر سالامەتلىك تۈپەيلىدىن كۇباغا بارغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئارگېنتىناغا بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈلمىگەن ئىدى.

ئېۋو مورالېسنىڭ پەرزەنتلىرىدىن ئالۋارو مورالېس (Alvaro Morales) ۋە ئېۋالىز مورالېس (EvalizMorales) 2019-يىلى 23-نويابىر ئارگېنتىنادىن پاناھلىق تىلەپ كەتكەن ئىدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر