گېرمانىيەدە پارتلاش يۈز بەردى

گېرمانىيەنىڭ زاكسىن ئانخالت (Sachsen Anhalt) ئىشتاتىنىڭ بلەنكىنبۇرگ (Blankenburg ) شەھىرىدىكى بىر بىنادا پارتلاش يۈز بەردى.

1323098
گېرمانىيەدە پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ زاكسىن ئانخالت ئىشتاتىنىڭ بلەنكىنبۇرگ شەھىرىدىكى بىر بىنادا پارتلاش يۈز بېرىپ، بىر كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، ئەڭ ئاز دېگەندە 25 كىشى يارىلاندى.

ساقچى تەرەپنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، پارتلاشنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 08:55 ئۆتكەندە بلەنكىنبۇرگ شەھىرى بېرىيتولد برېيخ (BertholdBrecht) كوچىسىدىكى بىر بىنادا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ئەڭ ئاز دېگەندە 25 كىشى يارىلانغان، بىر كىشى جېنىدىن ئايرىلغان.

تەكشۈرۈشلەردە قەيت قىلىنىشىچە، پارتلاش بىنانىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىكى ئۆيدە يۈز بەرگەن بولۇپ، جېنىدىن ئايرىلغان كىشىنىڭ جەسىتى ئاشۇ ئۆيدىن تېپىلغان.

ساقچىلارنىڭ گاز پارتلىشى ئېھتىمالىنى نەزەردە تۇتۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

بىنادىكىلەرنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى بالىلار يەسلىسىنىڭمۇ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر