نىگېردا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 70 ئەسكەرنىڭ ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

نىگېرنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان تىللابېرى رايونىدىكى بىر ھەربىي گارنىزون قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 70 ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلدى.

1322171
نىگېردا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 70 ئەسكەرنىڭ ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېر تاراتقولىرىنىڭ خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنى مەنبە قىلىپ بەرگەن خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن قوراللانغان تېررورچىلار تۈنۈگۈن كەچتە دۆلەتنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تىللابېرى رايونى ئىناتېس شەھىرىدىكى ھەربىي گازارمىغا ئاپتوموبىل ۋە موتوسىكلېتلىق كېلىپ ھۇجۇم قىلغان، ئەتراپتىكى ئورۇنلارغا ئوت قويۇپ بەرگەن.

ھەربىيلەرنىڭ تاقابىل تۇرۇشقا ئۇرۇنغان بولۇشىغا قارىماي، تېررورچىلارنىڭ كېچە بويىچە گازارمىنى كونتروللۇقىدا تۇتۇپ تۇرغانلىقى، زاپاس قىسىملار يېتىپ كەلگەندىن كېيىن چېكىنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ھازىرغىچە رەسمىي بايانات ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، خەۋپسىزلىك مەنبەلىرى كەم دېگەندە 70 ئەسكەرنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 57 تېررورچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

كۆپ ساندا ئەسكەرنىڭ ئىز – دېرىكىنىڭ يوقلۇقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بۇ جەرياندا نىگېر پىرېزىدېنتى مۇھاممادو ئىسوفو تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ھۇجۇم يۈزىسىدىن مىسىردىكى زىيارىتىنى يېرىم يولدا توختىتىپ قويۇپ دۆلىتىگە قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر