تەيۋەن خوڭكوڭدىكى نامايىشچىلارنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوسېف ۋۇ خوڭكوڭدىكى نامايىشچىلارنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى ۋە خىتاي ئەگەر نامايىشلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن تەڭپۇڭسىز كۈچ ئىشلەتكەن تەقدىردە، رايوندىن قېچىپ چىقىدىغان نامايىشچىلارغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1321064
تەيۋەن خوڭكوڭدىكى نامايىشچىلارنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جوسېف ۋۇ «Associated Press» خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىش نىيىتى يوقلۇقىنى تەكىتلەپ، تەيۋەن قانۇنىنىڭ خوڭكوڭ نامايشچىلىرىغا ۋە تەيۋەندە ياشاشنى خالايدىغانلارغا كېرەكلىك ئاسانلىقلارنى يارىتىپ بېرىدىغان ئالاھىدىلىكى بارلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىر جوسېف ۋۇ خوڭكوڭ ساقچىلىرىنىڭ ھەتتا ژۇرنالىتسلارغىمۇ تەڭپۇڭسىز كۈچ ئىشلەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئەگەر خىتاي نامايىشلاردا باستۇرۇشنى ۋە قاتتىق قوللۇقنى كۈچەيتىدىغان بولسا، تەيۋەننىڭ خوڭكوڭدىن چىقىپ كېتىشنى خالايدىغانلارغا نىسبەتەن مەيدانىنى ئۆزگەرتەلىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە ئۇنداق ئەھۋالدا تەيۋەننىڭ خەلقئارا جامائەتچىلىك بىلەن ھەمكارلىشىپ، خوڭكوڭنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەنلەرگە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مىنىستىر جوسېف ۋۇ يەنە مۇنداق دېدى:

«كىشىلەر خىتاينىڭ خوڭكوڭغا تۇتقان پوزىتسىيەسىگە قاراپ، كەلگۈسىدە خىتاينىڭ تەيۋەنگە قانداق پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يېتىەلەيدۇ. خوڭكوڭ ۋەقەلىرى تەيۋەن خەلقى تەرىپىدىن ئانچە ئىجابىي قارشى ئېلىنمايدۇ»

خەۋەردە تەيۋەن ھۆكمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىر راي سىناش جەدۋىلىدە خەلقنىڭ تەخمىنەن %80 نىڭ خىتاي بىلەن بىرلىشىش پىكرىگە قارشى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر