پاكىستان سوتى ناۋاز شەرىفنىڭ ئامېرىكادا داۋالىنىشىغا رۇخسەت قىلدى

پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى ناۋاز شەرىف ئەنگلىيەدىن كېيىن ئامېرىكادا داۋاملىق داۋالىنىدۇ.

1319991
پاكىستان سوتى ناۋاز شەرىفنىڭ ئامېرىكادا داۋالىنىشىغا رۇخسەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى ناۋاز شەرىف ئائىلىسىنىڭ تاراتقۇلارغا بايانات بېرىپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ ئاجىزلىشى سەۋەبىدىن قان پلاستىنكىسى سەۋىيەسى تۆۋەنلىگەن شەرىفنى ئەنگلىيەدە داۋالاشنىڭ مۇمكىن بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ناۋاز شەرىفنىڭ 2019-يىلى 16-دېكابىردا بوستوندىكى بىر دوختۇرخانىغا بارىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ بۇ خىل كېسەللكلەرنى داۋالىيالايدىغان بىر قانچە دوختۇرخانىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىندى.

پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەن ۋە 10 يىلدىن بۇيان تۈرمىدە يېتىۋاتقان ناۋاز شەرىف، 2019-يىلى ئۆكتەبىردە سالامەتلىكى سەۋەبىدىن ئىككى ئايلىق داۋالىنىشقا رۇخسەت قىلىنغان ئىدى. پاكىستاننىڭ لاھور شەھىرىدە داۋالانغان ناۋاز شەرىفنىڭ دوختۇرخانىدا يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ كەتكەن ئىدى.

پاكىستان ھۆكۈمىتى ۋە ئىسلامئاباد ئالىي سوتى ناۋاز شەرىفنىڭ ئىككى ئايلىق داۋالىنىش باسقۇچىنىڭ بىر ئايلىق قىسمىدا چەت ئەلدە داۋالىنىشىغا رۇخسەت قىلغان بولۇپ، ناۋاز شەرىف بۇ سەۋەبتىن 19-نويابىر ئەنگلىيەگە بارغان ئىدى.         



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر