ئىدلىبتا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا نۇرغۇن پۇقرا ئۆلدى

رۇسىيە ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىدلىبتىكى «سۈركىلىشنى ئازايتىش رايونى» نى بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە 6 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1318079
ئىدلىبتا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا نۇرغۇن پۇقرا ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆكتىچىلەرگە ئائىت  ئۇرۇشئايروپىلانلىرىنى كۆزىتىش ئورگىنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئىدلىبنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان سەراقىب ناھىيەسى، كەفرەنبىل ۋە بىدامە رايونى، كەفەر سەنجە، بىرزابور، مائارراتھىرمە، تۇھ، دار، كەبىرە، تەل دەم، تەل قەترە يېزىلىرىنى بومباردىمان قىلغان.

ئىدلىبتىكى پۇقراۋى مۇداپىئە مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ كەفەر سەجنە يېزىسىنى بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە  3، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ  سەراقىب ناھىيەسى،  بىرزابور، مائارراتھىرمە يېزىلىرىنى بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە 3 بولۇپ، جەمئىي 6 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، كەم دېگەندە 10 پۇقرا يارىلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر