ستولتېنبېرگ: ئەردوغاننىڭ «شەرتى» نى مۇزاكىرە قىلىۋاتىمىز

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ ۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «ي پ گ» غا ئالاقىدار شەرتىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1317450
ستولتېنبېرگ: ئەردوغاننىڭ «شەرتى» نى مۇزاكىرە قىلىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى داۋامى ي پ گ نىڭ «تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ ئېتىراپ قىلىنىشى توغرىسىدىكى شەرتى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

يېنس ستولتېنبېرگ، ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندىكى ناتو باشلىقلار يىغىنىغا كېتىۋېتىپ مۇخبىرلارنىڭ مەسىلىگە ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى؛ ئۇ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ بالتىق دۆلەتلىرى ۋە پولشانى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇداپىئە پىلانىنى قوللاش ئۈچۈن ي پ گ نىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ قوبۇل قىلىنىشى توغرىسدىكى شەرتى ھەققىدە توختىلىپ، «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن كۆرۈشتۈم، (شەرتنى) مۇزاكىرە قىلىۋاتىمىز» دېدى.

ستولتېنبېرگ، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكروننىڭ «ناتو مېڭە ئۆلۈمىنى باشتىن كەچۈرمەكتە» دېگەن سۆزلىرىنى توغرا دەپ قارىمايدىغانلىقىنى، ناتونىڭ ھەرقانداق چاغدىكىدىنمۇ كۈچلۈك ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان ھالدا ، «بۇنداق بىر ئىش يوق، ناتو ناھايىتى ئىلاستېكىلىق بىر قۇرۇلمىغا ئىگە» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر