مالايشىيادا بىخەتەر جايلارغا يۆتكەلگەنلەرنىڭ سانى 16 مىڭ 84 كىشىگە يەتتى

مالايشىيانىڭ شىمالىدىكى كېلانتان ۋە تېرېڭگانۇ ئۆلكىلىرىدە ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىن بېرى باشلىغان شىددەتلىك يامغۇر ۋە سۇ ئاپەتلىرى تۇپەيلى بىخەتەر جايلارغا يۆتكەلگەنلەرنىڭ سانى 16 مىڭ 84 كىشىگە يەتتى.

1317269
مالايشىيادا بىخەتەر جايلارغا يۆتكەلگەنلەرنىڭ سانى 16 مىڭ 84 كىشىگە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالايشىيانىڭ شىمالىدىكى سۇ ئاپىتى ۋە شىددەتلىك يامغۇرنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان كېلانتان ئۆلكىسىدە بىخەتەر جايلارغا يۆتكەلگەنلەرنىڭ سانى 13 مىڭ 80 كىشىگە يەتتى. شىددەتلىك يامغۇر ئازىيىشقا باشلىغان تېرېڭگانۇ ئۆلكىسىدە بولسا، بىخەتەر جايلارغا يۆتكەلگەنلەرنىڭ سانى 3 مىڭ 4 كىشىگە چۈشتى.

كەلانتان ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، سۇ ئاپەتلىرىدە ھازىرغا قەدەر 2 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مالايشىيا مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋان ئازىزاھ ۋان ئىسمائىل تېرېڭگانۇ ئۆلكىسىگە قاراشلىق جەرتەھ شەھىرىدە بىر پاناھلىنىش رايونىدا سۇ ئاپتىگە ئۇچرىغۇچىلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھەر ئىككى ئۆلكىدە سۇ تاشقىنلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باش مىنىستىر ۋان ئازىزاھ كېلاتاندا سۇ ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرى ئۈچۈن 700 مىليون مالايشىيا رىڭگىتى، تېرېڭگانۇ ئۆلكىسىدىكى خىزمەتلەر ئۈچۈن 400 مىليون مالايشىيا رىڭگىتى ئەتراپىدا مەبلەغ سېلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئىككى ئۆلكىدە 30نويابىردا باشلانغان شىددەتلىك يامغۇر ئۆلكىلەرگە قاراشلىق نۇرغۇنلىغان شەھەرلەردە سۇ ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغان ئىدى. سۇ ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان مىڭىلغان كىشى بىخەتەر جايلارغا يۆتكەلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر