ئامېرىكادا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 11 كىشى يارىدار بولدى
ئامېرىكانىڭ نىيۇ ئورلېنس شەھىرىدە تۈنۈگۈن ئەتىگەندە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمندا، 11 كىشى يارىدار بولدى. 2 كىشىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
1315740
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:
ئامېرىكا مېدىياسىدا چىققان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، لۇسىئانا ئىشتاتىغا قاراشلىق نىيۇئورلېنس شەھىرىنىڭ ئەڭ ئاۋات رايونلىرىدىن بىرسى بولغان فىرېنچ كۇئارتېردە، قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.
يەرلىك مەسئۇللار ۋەقەدە 11 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى ۋە ئۇلاردىن 2 كىشىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ۋەقەگە چېتىشلىق بىر گۇماندارنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
ھۇجۇمنىڭ سەۋەبى ھەققىدە تېخىچە بىرەر رەسمىي بايانات ئېلان قىلىنمىدى.