ئىسرائىلىيە غەززەنى بومباردىمان قىلدى

ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى غەززەنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى ئىززەددىن قەسسام ئەترەتلىرىگە ئائىت بىر نۇقتىنى بومباردىمان قىلدى.

1315146
ئىسرائىلىيە غەززەنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئىززەتتىن قەسسام ئەترەتلىرىگە ئائىت بىر نۇقتىنى 5 راكېتامىيوت ئېتىش ئارقىلىق بومباردىمان قىلغان، ھۇجۇمدا ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى  كۆرۈلمىگەن.

ئىلگىرى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىسرائىلىيەگە ئائىت بىر ئولتۇراق رايونىنىڭ غەززەنىڭ راكېتامىيوت ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

ئىسرائىلىيە تەرەپ قانۇنسىز ئولتۇراق رايونىغا غەززە تەرىپىدىن ئېتىلغانلىقى ۋە بوش زېمىنغا چۈشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن راكېتامىيوتنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر