ئىراقتا بىر ۋالىي نامايىشچىلارنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىگە چېدىماي ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى زىكار ۋىلايىتى ۋالىيسى ئادىل زۇھەيلى زىكاردا نامايىشچىلارنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىگە چېدىماي، ۋالىيلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1314959
ئىراقتا بىر ۋالىي نامايىشچىلارنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىگە چېدىماي ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادىل زۇھەيلى ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن يەرلىك بىر تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، «شەھەر خەلقىنى قوغدىيالمىغان بىر ۋالىي چوقۇم ئىستېپا بېرىشى لازىم. نامايىشچىلارغا قىلىنغان زورۋانلىققا بىز تەرەپتىن بۇيرۇق چۈشۈرۈلگەن ئەمەس» دېدى.

زىكاردا باش مىنىستىر ئابدۇل مەھدىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن قۇرۇلغان كىرىزىس مەركىزىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان گېنېرال جەمىس ئەش شاممارىنىڭ نامايىشچىلارغا قارشى تەڭپۇڭسىز كۈچ ئىشلىتىشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن باش مىنىسترى ئابدۇل مەھدى گېنېرال شاممارىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان ئىدى.

ئىراق بىخەتەرلىكنى ساقلاش قىسىملىرى زىكار ۋىلايىتىدە نامايىشقا قاتتىق قول مۇداخىلە قىلغانلىقى سەۋەبىدىن 32 نامايىشچى ئۆلۈپ، 230 نامايىشچى يارىدار بولغان ئىدى.

ئىراقتا ئىشسىزلىق، چىرىكلىك ۋە دۆلەت خىزمەتلىرىنىڭ يېتەرسىزلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە 1ئۆكتەبىردە باشلانغان خەلق نامايىشلىرىدا، ھازىرغا قەدەر 300 دىن ئارتۇق كىشى ئۆلۈپ، 15 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يارىدار بولدى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر