ناتو ئايروپىلانلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر مىليارد دوللار مەبلەغ ئاجراتتى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو، ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش ۋە كۆزىتىش ئايروپىلانلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن بويېڭ ئىنتېرناتسىئونال بىلەن بىر مىليارد دوللارلىق توختام ئىمزالىدى.

1313928
ناتو ئايروپىلانلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر مىليارد دوللار مەبلەغ ئاجراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو بىلەن بويېڭنىڭ مەزكۇر توختامى بېلگىيەنىڭ مېلسبروئېك ئايرودۇرۇمىدا ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ بىلەن دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ نورمال، ھەربىي ۋە تىك ئۇچار ئايروپىلان ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولغان بويېڭ ئىنتېرناتسىئونالنىڭ باشلىقى مايكېل ئارتۇر تەرىپىدىن ئىمزالاندى.

يېنس ستولتېنبېرگ توختامنامەنى ئىمزالاش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، ناتو ئاگاھلاندۇرۇش ۋە كۆزىتىش ئايروپىلانلىرىنىڭ 11 – سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن ئامېرىكىدا، ئارقىدىن ئافغانىستاندا، نۆۋەتتە بولسا دائېشقا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە خەلقئارا ئىتتىپاقداش كۈچلەرگە ھەمنەپەس بولۇۋاتقانلىقىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنىڭ ناتونىڭ ئىلغار تېخنولوگىيەگە قانچىلىك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنىڭ ناماياندىسى ئىكەنلكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، زامانىۋىلاشتۇرۇش سايىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش ۋە كۆزىتىش ئايروپىلانلىرىنىڭ تېخىمۇ ئىلغار ئالاقە تورىغا ئىگە بولىدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق ناتونىڭ خەلقلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا ھەسسە قوشۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بويېڭ ئىنتېرناتسىئونالنىڭ باشلىقى مايكېل ئارتۇرمۇ يېڭى توختامنامەنىڭ ناتونىڭ قىتئەلەر ئارا ئىتتىپاقنى مۇستەھكەم تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن سانائەتكە يۈزلىنىش ئىرادىسىنى نامايان قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

«ناتو ماسلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر ئىتتىپاق» دېگەن ئارتۇر، كېلىشىمگە ناتونىڭ 16 ئىتتىپاقدېشىنىڭ مەبلەغ سالغانلىقىنى ئېيتتى.

ئاگاھلاندۇرۇش ۋە كۆزىتىش ئايروپىلانلىرىنى ئىلغارلاشتۇرۇش لايىھەسىنى تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 16 دۆلەت مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر