سۈرىيەدە ئەسەد قىسىملىرى ئىدلىبتىكى بىر دوختۇرخانىغا ھۇجۇم قىلدى

ئەسەد قىسىملىرىنى قوللاۋاتقان رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ ھۇجۇمىدا بولسا، 2 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى.

1313336
سۈرىيەدە ئەسەد قىسىملىرى ئىدلىبتىكى بىر دوختۇرخانىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قوزغىلاڭچىلارغا تەۋە ئايروپىلان كۆزىتىش مەركىزىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تۈنۈگۈن كېچىدە ئىدلىبنىڭ كەفرەنبىل ناھىيەسى، ماررىتھىزمە، رەكايا، ئۇرەينىبە ۋە خاس يېزىلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان.

ئىدلىبنىڭ جەنۇبىيغا جايلاشقان كىرىسا يېزىسىغا كىچىدە قىلىنغان ھۇجۇمدا بولسا، 2 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن ئەسەد قىسىملىرى مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە، ئىدلىبنىڭ جەنۇبىدىكى كەفرەنبىل ناھىيەسىگە، كەنسەرفا ۋە ئىھسىم ئولتۇراق رايونلىرىغا ھەمدە مارزىتە، جىھبالا، بىساقال، نۇقەييىر، ھازىران ۋە فاتتىرە يېزىلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى.

ھۇجۇمدا كەفرەنبىل ناھىيەسىدىكى ئەل راۋھا بالىلار ۋە ئاياللار دوختۇرخانىسى بومباردىمان قىلىندى.

دوختۇرخانا بىناسى ئاساسەن دېگۈدەك ئۆرۈلۈپ چۈشتى ۋە دوختۇرخانا ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالغا كېلىپ قالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر