خىتاي ئامېرىكا باش ئەلچىسىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىپ نارازىلىق بىلدۈردى

ئامېرىكانىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تېررىي بىرانستاد خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلدى.

1312701
خىتاي ئامېرىكا باش ئەلچىسىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىپ نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى گېزىتى (South China Morning Post) نىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، باش ئەلچى تېررىي بىرانستادنىڭ ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى بىلەن ئاۋام پالاتاسى تەرىپىدىن تەستىقلانغان ۋە خوڭكوڭدىكى نامايشلارنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەيدىغان قانۇن تەكلىپىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىسترىلىقىغا چاقىرىلغان.

باياناتتا قەيت قىلىنىشچە، خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جىڭ زىگۇاڭنىڭ باش ئەلچى تېررىي بىرانستادقا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە قانۇن تەكلىپىگە خىتاينىڭ قاتتىق قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان. 

خوڭكوڭدىكى نامايىشلارنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغان شۇنداقلا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى بىلەن ئاۋام پالاتاسىنىڭمۇ تەستىقىدىن ئۆتكەن قانۇن تەكلىپى دونالد ترامپقا يوللانغان ئىدى.

قانۇن تەكلىپى- خوڭكوڭدىكى نامايىشلاردا يولغا قويۇلغان قاتتىق قوللۇق ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچلىكلىرىگە مەسئۇل خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ ئاخبارت ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مەزكۇر قانۇن تەكلىپىنىڭ ھەم خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى مەنپەئەتىگە، ھەم ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتىگە پالتا چاپىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

خوڭكوڭدا ئىيۇن ئېيىدا گۇماندارلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش قانۇن تەكلىپىگە قارشى باشلانغان دېموكراتىيە تەرەپدارلىرىنىڭ نامايىشلىرىدا، يېقىنقى ھەپتىلەردىن بۇيان ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالىدىغان زوراۋانلىق ۋەقەلىرى كۆپەيگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر