پومپېيو بولىۋىيەدىكى نامايىشلار توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بولىۋىيەدە داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلار ئۈستىدە توختىلىپ، تەرەپلەرنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا ۋە دۆلەت مىقياسىدا سايلام ئۆتكۈزۈشنى چاقىرىق قىلدى.

1310644
پومپېيو بولىۋىيەدىكى نامايىشلار توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بولىۋىيە توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ باياناتىدا، بولىۋىيە خەلقىنىڭ دېموكراتىيەنى قايتىدىن ئورنىتىش ئۈچۈن ئەركىن ۋە ئوچۇق-ئاشكارا سايلام ئۆتكۈزۈش تەلىپى ئۈستىدە توختىلىپ: «2019-يىلى 20-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ساختىپەزلىك ۋە تەرتىپسىزلىك قىلغانلار، بولىۋىيەنىڭ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن بىر چەتكە ئۆتۈشى كېرەك. بولىۋىيەدىكى ھەر بىر سىياسىي پارتىيەنىڭ پۇقرالارنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلغان سايلام مۇساپىسىدە ئاۋازىنى ئاڭلىتىش ھوقۇقى بار» دېدى.

ئۇ بولىۋىيە مىقياسىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان نامايىشلار ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، بولىۋىيە ئۈچۈن ئاخبارات ئەركىنلىكىنى ۋە تىنچلىق ئۇسۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارنى قوللايدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر