كىم جوڭئۇن جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جائىننىڭ ئۇچرىشىش تەكلىپىنى رەت قىلدى

شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇن جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جائىننىڭ كېلەر ھەپتە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى كۈتۈۋېلىنىدىغان بىر يىغىن ئۈچۈن يوللىغان تەكلىپىنى رەت قىلدى.

1310344
كىم جوڭئۇن جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جائىننىڭ ئۇچرىشىش تەكلىپىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يۇنھاپ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىمالىي كورېيەنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «KCNA» ئۆز خەۋىرىدە، جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جائىننىڭ كېلەر ھەپتە بۇسان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىشى پىلانلانغان ئىككى كۈنلۈك جەنۇبىي كورىيە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا خەلقئارا ھەمكارلىقى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى ئۈچۈن خۇسۇسىي مەكتۇب يوللىغانلىقىنى، بىراق شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇننىڭ بۇ يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن ھېچقانداق سەۋەب يوقلۇقىنى ئېيتقانلىقىنى يازغان.

خەۋەردە، شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇننىڭ تەكلىپنى رەت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلۈپ، «جەنۇپ تەرەپنىڭ ئىشەنچى ۋە سەمىمىيىتى ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، بىراق دۆلەت ئىشلىقى كومىتېتى باشلىقىنىڭ، رەھبىرىمىز كىم جوڭئۇننىڭ بۇساندا زىيارەتتە بولۇشى ئۈچۈن ھېچقانداق سەۋەب يوقلۇقىنى چۈشىنىشىنى ئۈمىت قىلىمىز» دەپ جاۋاب قايتۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.

شىمالىي كورېيەنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «KCNA» جەنۇبىي كورېيەنى ئىككى كورېيە ئۆزئارا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتقان پەيتتە، سىرتتىن ياردەم تەلەپ قىلىش ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئالدىنقى يىلى تۈزۈلگەن كېلىشىمگە ئەمەل قىلماسلىق بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى. 

مۇن جائىن بىلەن كىم جوڭئۇن 2018يىلى ئاپرېل ۋە ماي ئايلىرىدا ئىككى دۆلەت چېگراسىدىكى پانمۇنجوم ئۇرۇش توختىتىش يېزىسىدا كۆرۈشكەن ھەمدە ئالدىنقى يىلى سىنتەبىر ئېيىدىمۇ شىمالىي كورېيەنىڭ پايتەختى پىيوڭيوڭدا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇ ئۇچرىشىلاردا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق باسقۇچى مۇزاكىرە قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر