ئەنگلىيە خوڭكوڭدىكى نامايىشچىلارنى دىيالوگقا چاقىرىق قىلدى

خىتاينىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى لىيۇ شىياۋمىڭمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، «ئەنگلىيە خوڭكوڭدىكى مۇستەقىللىق چاقىرىقلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىشى لازىم» دېدى.

1308732
ئەنگلىيە خوڭكوڭدىكى نامايىشچىلارنى دىيالوگقا چاقىرىق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ۋە شەھەرنىڭ ھەر قايسى مەركەزلىرىدە ئالدىنقى ھەپتىدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنى دىيالوگقا چاقىرىق قىلدى.

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «خوڭكوڭدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەردىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز» دېيىلدى.

باياناتتا، نامايىشتا يارىدار بولغانلارنىڭ داۋالىنىشىنىڭ مۇھىىملىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى ۋە ۋەقە يۈز بېرىۋاتقان جايلاردىن چىقىپ كېتىشنى خالايدىغانلارغا بىخەتەر ئۆتۈش يولى تەييارلىنىش كېرەكلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، 24نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمىدىن ئىلگىرى نامايىشچىلار بىلەن خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي دىيالوگ ئورنىتىشى كېرەكلىكى ھەققىدە مەخسۇس چاقىرىق قىلىندى.

خىتاينىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى لىيۇ شىياۋمىڭ ئەنگلىيەنىڭ باياناتىدىن كېيىن، خىتاي ئەلچىخانىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىردى.

خىتاي ئەلچىسى لىيۇ: «ئەنگلىيە خوڭكوڭدىكى مۇستەقىللىق چاقىرىقلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىشى لازىم» دېدى.

خىتاي ئەلچىسى لىيۇ خوڭكوڭدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە نامايىشچىلارنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاينىڭ خوڭكوڭ ۋالىيسى كەررىي لام ۋە ھۆكۈمىتىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى تەكرارلىدى.

خوڭكوڭدا ئىيۇن ئېيىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك نامايىشلاردا، يېقىنقى ھەپتىلەردىن بۇيان ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار يۇقىرى پەللىگە چىقتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر