پومپېيو ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلغا بارىدۇ.
1308816
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس (Morgan Ortagus) مايك پومپېيونىڭ ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا، مايك پومپېيونىڭ 20-21-نويابىر كۈنلىرى بىريۇسسېلدا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مىنىستىر مايك پومپېيونىڭ بىريۇسسېلدا ناتو ئىتتىپاقداشلىرى ۋە ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:
«مىنىستىر پومپېيو ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە رايونلۇق خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ۋە ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.»