خوڭكوڭدا تۇتۇلغان نامايىشچىلار ئىچىدە بىر ياپونىيەلىكنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى

خوڭكوڭدا نامايىشچىلارنىڭ ئىگەللىۋېلىشى داۋاملىشىۋاتقان تەبىئىي پەن ئۇنىۋېرستېتىدىن چىققان 600 نامايىشچىدىن 18 ياشتىن چوڭ 400 نامايىشچى تۇتۇپ كېتىلدى.

1309002
خوڭكوڭدا تۇتۇلغان نامايىشچىلار ئىچىدە بىر ياپونىيەلىكنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خوڭكوڭ ۋالىيسى كەررېي لام ھەپتىلىك ئىجرائىيە كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ 200 نەپىرى 18 ياشتىن تۆۋەن بولغان 600 نامايىشچىنىڭ تەبىئىي پەن ئۇنىۋېرستېتى ئىگەللىۋېلىنغانلىقىنىڭ ئۈچىنچى كۈنىدە سىرتقا چىققانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ نامايىشچىلاردىن 400 نەپىرىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، 18 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ تۇتۇلمىغانلىقىنى، بىراق كېيىنچە سوتقا تارتىلشقا دۇچ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ بارلىق ھەرىكەتلەرنىڭ تىنچلىق ئۇسۇلدا ئاخىرلىشىشى مەقسىتىدە، باشقا نامايىشچىلارنىڭمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مەكتەپتىن چىقىشى ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغىنىنى قىلىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ خوڭكوڭدىكى خىتاي ئەسكەرلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلىنىدىغان ياكى قىلىنمايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا: «ھۆكۈمەتنىڭ مەۋجۇت ئەھۋال ئۈستىدىن غالىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دەپ جاۋاب بەردى.

تەبىئىي پەن ئۇنىۋېرستېتىدا 100 نامايىشچىنىڭ، ساقچىلارنىڭ قورشاۋى ئاستىدا تۇرۇشى داۋاملاشماقتا.

بۇ جەرياندا، ياپونىيە ھۆكۈمىتى باياناتچىسى سۇگا يوشىھىدە تۇتۇلغان نامايىشچىلار ئىچىدە 20 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر ياپونىيە پۇقراسىنىڭمۇ بارلىقىنى ئېلان قىلدى.

ياپونىيە تاراتقۇلىرى مەزكۇر كىشىنىڭ توكيو يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ھىكارۇ ئىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى موتېگى توشىمىتسۇ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرستېتى ئوقۇغۇچىسى ھىكارۇ ئىدانىڭ خوڭكوڭدا ساياھەتچى سالاھىيىتىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر