خوڭكوڭ ئوقۇغۇچىلىرى: «بىز ئۆلۈشكە تەييارمىز»

خوڭكوڭ تەبىئىي پەن ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ساقچىلارغا قەتئىي قارشىلىق كۆرسىتىپ، «بىز ئۆلۈشكە تەييارمىز» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1308267
خوڭكوڭ ئوقۇغۇچىلىرى: «بىز ئۆلۈشكە تەييارمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ «Bild.de» خەۋەرلەر تورى، خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە رايونىدىكى نامايىشلار ھەققىدە مۇنۇلارنى يازدى:

خوڭكوڭ ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلىنىپ قالدى. ساقچى ئاپتوموبىللىرى كۆيمەكتە. مولوتوف (بېنزىن قاچىلانغان شىشە بومبا) لار ۋە تاشلار ھاۋادا ئۇچماقتا. ھەممىلا يەرنى ياش ئاققۇزۇش بومبىسىنىڭ بۇلۇتلىرى قاپلىماقتا. ساقچىلارغا قارشى توسۇقلارنى قۇرغان تەبىئىي پەن ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى «بىز ئۆلۈشكە تەييارمىز» دېمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر