گىڭ شۇاڭ: «خوڭكوڭ مەسىلىسى، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىدۇر»

خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭ ساقچىلىرىنى ۋە ۋالىيسىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

1308577
گىڭ شۇاڭ: «خوڭكوڭ مەسىلىسى، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىدۇر»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ۋالىيسى كەررېي لام ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە ساقچىلارنىڭ قانۇننى ئىجرا قىلىشىنى قەتئىي قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ پايتەخت بېيجىڭدا چاقىرغان جىددىي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ھەپتە ئاخىرىدا خوڭكوڭدا زىيارەتتە بولغانلىقى ۋە خوڭكوڭدا بارغانچە زورۋانلىق تۈسىنى ئېلىۋاتقان نامايىشلار ئۈستىدە توختالدى.

گېڭ شۇاڭ: «خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ۋالىي كەررىي لامنىڭ خوڭكوڭنى ئىدارە قىلىشىنى شۇنداقلا خوڭكوڭ ساقچى قىسىملىرىنىڭ قانۇنلارنى قەتئىي ئىجرا قىلىنىشىنى قوللايدۇ. خىتاي بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ» دېدى. 

گېڭ ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەت سىياسەتچىلىرىنىڭ خوڭكوڭغا قارىتا ئېلان قىلغان باياناتلىرىغا قارشى ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ: «خوڭكوڭ مەسىلىسى، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىدۇر. بىز ھەرقانداق دۆلەت، تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ خوڭكوڭنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋېلىشىغا قارشى تۇرىمىز» دېدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى سەل چاغلاشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، نوپۇسى 1 مىليارد 400 مىليونلۇق خىتاي خەلقىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسىنىڭ خوڭكوڭدىكى زوراۋانلىقلارنىڭ توختىشى ۋە رايوندا ئىنتىزام ئورنىتىلىشى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

خوڭكوڭدا ئىيۇن ئېيىدا گۇماندارلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش قانۇن تەكلىپىگە قارشى باشلانغان دېموكراتىيە تەرەپدارلىرىنىڭ نامايىشلىرىدا، يېقىنقى ھەپتىلەردىن بۇيان ساقچىلار بىلەن پات پات توقۇنۇشۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆپ كۆرۈلمەكتە.

رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خوڭكوڭدا ئىيۇن ئېيىدىن ھازىرغىچە جەمئىي 4000 نامايىشچى نازارەتكە ئېلىنغان.


خەتكۈچ: #خوڭكوڭ , #خىتاي

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر