ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن پارتلاش جانغا زامىن بولدى

ئافغانىستاننىڭ ھوست ۋىلايىتىنىڭ سابەرى ناھىيەسىدە مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتا بىر بالا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1307049
ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن پارتلاش جانغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سابەرى ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى ئابدۇلھەي زازائىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ناھىيە مركىزىدە يول چېتىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بومبىنىڭ پۇقرالار ئولتۇرغان بىر ئاپتوموبىل رايوندىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا پارتلىشى نەتىجىسىدە بىر بالا ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئىككى پۇقرا يارىلانغان. ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر