خىتاي خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىن نامايىشلارنى قاتتىق باستۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

خىتاي خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتىدىن رايوندا زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە ئايلىنىپ كەتكەن نامايىشلارنى قاتتىق باستۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

1306581
خىتاي خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىن نامايىشلارنى قاتتىق باستۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا چىقىدىغان «‹ South China Morning Post› گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتىنى ۋە ساقچى تەرەپنى  جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاش ئۈچۈن تېگىشلىك تەدبىرلەرنى ئېلىشقا چاقىرغان، شەھەرنىڭ «تېررورىزمنىڭ گىردابىغا بېرىپ قالغانلىقىنى، قالايمىقانچىلىققا خاتىمە بېرىلىشى ۋە  جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈرۈپ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتتىن نامايىشلارنى قاتتىق باستۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. جۈملىدىن،  خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتىدىن، قالايمىقانچىلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن بارلىق ئىمكانىەتلەردىن پايدىلىنىپ، زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە چېتىشلىق جىنايەتچىلەرنى تۇتقۇن قىلىش ۋە جازلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، خوڭكوڭدا بۇ يىل ياز مەۋسۇمىنىڭ باشلىرىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلاردا يېقىنقى ھەپتىلەردە نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىداىكى توقۇنۇشلار ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرى بارغانسېرى كۆپىيىپ كەتكەن. نامايىشلار جەريانىدا بىر ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

رەسمىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، شەھەردە ئىيۇن ئېيىدىن بۇيان قولغا ئېلىنغان نامايىشچىلارنىڭ سانى 3 مىڭ 560 قا يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر