ئىتالىيەدە بىر جامەنى پارتلاتماقچى بولغان 12 كىشى نازارەتكە ئېلىندى

ئىتالىيەنىڭ سېنا شەھىرىدىكى بىر جامەگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 12 كىشى نازارەتكە ئېلىندى.

1305850
ئىتالىيەدە بىر جامەنى پارتلاتماقچى بولغان 12 كىشى نازارەتكە ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيەنىڭ «Rainews 24» قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مافىيا گۇرۇھلىرىغا قارشى كۈرەش باش مۇپەتتىشى گۇسېپپې كىرېززونىڭ باشچىلىقىدىكى تەكشۈرۈش دائىرىسىدە، فىرونسا ۋە سېنا ساقچى ئىدارىسىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن ئورتاق تۇتۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان.

سېنا ۋالىيىتىگە قاراشلىق كوللې ۋال د ئېلسا ناھىيەسىدىكى بىر جامەگە ھۇجۇم قىلىش تەييارلىقىدا ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ناتسېست تەرەبدارى 60 ياشلىق بانكا خادىمى ۋە 22 ياشلىق ئوغلىنىمۇ قوشقاندا، جەمئىي 12 كىشى نازارەتكە ئېلىنىپ سوراق قىلىنغان.

ساقچىلارنىڭ كوللې ۋال د ئېلسا ناھىيەسىدىلا ئەمەس، ئەتراپتىكى باشقا ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەردىمۇ بەزى ئۆيلەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

گۇماندارلارنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە ۋەيران قىلىش مەقسىتىدە قانۇنسىز تەشكىلات قۇرۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ سوراق قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

تەكشۈرش جەريانىدا پارتلاتقۇچ ۋە نۇرغۇنلىغان قورال ياراق شۇنداقلا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن قالغان ناتسېست سېمۋولى ۋە باشقا قالدۇق ئەشيالىرىنى قولغا چۈشكەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر