قۇيۇن ئاپىتىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى 100 يىل ئىلگىرىگە سېلىشتۇرغاندا 3 ھەسسە ئاشتى
مۇتەخەسسىسلەر بۈگۈنكى كۈندە ئەڭ ئېغىر زىيانلارغا سەۋەب بولىۋاتقان تەبىئىي ئاپەتلەردىن قۇيۇن ئاپىتىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتىنىڭ بىر ئەسىر ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئۈچ ھەسسە ئاشقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
1305542
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «BBC» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، «PNAS» ژۇرنىلىدا بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، دانىيەنىڭ كوپېنھاگىن ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىلىرى قۇيۇن ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانلارنى ھېسابلاش ئۈچۈن يېڭى بىر ئۇسۇلنى ئىشلەتكەن.
تەتقىقاتچىلار قۇيۇن ئاپىتىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ئېنىق ھېسابلاپ چىققانلىقىنى، ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقىي ساھىللىرىدا 1900 – يىلىدىن 2018 – يىلىغىچە كۆرۈلگەن 240 تىن كۆپرەك قۇيۇن ئاپىتىنى تەكشۈرۈپ خۇلاسىسىنى بېكىتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مۇتەخەسسىسلەر قۇيۇن ئاپىتىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتىنىڭ 100 يىل ئىلگىرىكىگە سېلىتۇرغاندا %330 ئاشقانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا ئاساسەن دېگۈدەك كىلاماتنىڭ ئىسسىپ كېتىشى سەۋەب بولغانلىقىنى قەيت قىلغان.