جاممۇ كەشمىردە توقۇنۇش يۈز بەردى
ھىندىستاننىڭ جاممۇ كەشمىر ئۆلكىسىدە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، بىر قارشىلىق كۆرسەتكۈچى جېنىدىن ئايرىلدى.
1303768
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان خەۋەر ئاگېنتلىقى – Press Trust of India – نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆلكىنىڭ باندىپورا رايونىدا خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ بىر قارشىلىق كۆرسەتكۈچى جېنىدىن ئايرىلغان بولۇپ، توقۇنۇش ھازىرمۇ داۋام قىلماقتا