ترامپقا 2 مىليون دوللار پۇل جازاسى بېرىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدىكى بىر سوت مەھكىمىسى ترامپقا 2 مىليون دوللار پۇل جازاسى بەردى.

1302886
ترامپقا 2 مىليون دوللار پۇل جازاسى بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سودىيە سىلىئان سكارپۇللا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى، ترامپ فوندى جەمئىيىتىنى سىياسىي ۋە سودا مەنپەئەتلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ ئىشلىتىش بىلەن ئەيىبلەپ،  ترامپنىڭ  2 مىليون دوللار پۇل جازاسى تۆلىشى، ترامپ فوندى جەمئىيىتىنىڭ تاقىلىشى ۋە  جەمئىيەتكە ئائىت 1.7 مىليون دوللارنىڭ باشقا فوندى جەمئىيەتلەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقاردى.

نىيۇ يورك باش تەپتىش مەھكىمىسى ئالدىنقى يىلى ترامپ  ياردەم فوندى جەمئىيىتى مەسىلىسىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە ئائىلىسى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنۇپ، 2.8 مىليون دوللارلىق پۇل جازاسى بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر