ئافغانىستاننىڭ غەربىي قىسمىدا پارتلاش يۈز بەردى
ئافغانىستاننىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان بادگىس ۋىلايىتىدە بومبىلىق ھوجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى.
1301737
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان بادگىس ۋىلايىتىدە مەيدانغا كەلگەن بومبىلىق ھوجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 6 ساقچى جېنىدىن ئايرىلدى، 5 ساقچى يارىلاندى.
بادگىس جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باشلىقى شىر ئاكا ئالكوزاي بايانات بېرىپ، يول بويىغا ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ ساقچى ئاپتوموبىلى ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئەسنادا پارتلىتىلغانلىقىنى، ۋەقەدە 6 ساقچىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 5 ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارىنىڭ تالىبان ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
تالىبان بولسا، ھۇجۇم توغرىسىدا ھازىرغىچە ھېچقانداق بايانات بەرمىدى.