ئافغانىستاندا پارتلاش يۈز بەردى

ئافغانىستاندا پارتلاش يۈز بېرىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1300719
ئافغانىستاندا پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان باغلان ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسى باياناتچىسى ئەھمەد جاۋىد بەشەراتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، باغلان ۋىلايىتىنىڭ داند شەھاب رايونىدا، پۇقرالار ئولتۇرغان ئاپتوموبىل ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، تالىبان تەرىپىدىن يول چېتىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە ئاپتوموبىلمۇ پارتلىغان، پارتلاشتا بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، 6 پۇقرا يارىلانغان.

ئىگىلىنىشىچە، تالىبان بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر