ئافغانىستاندا پارتلاش يۈز بەردى
ئافغانىستاننىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان پاكتىيا ۋىلايىتىدە يول بويىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبا پۇقرالار ئولتۇرغان بىر ئاپتوموبىل ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئەسنادا پارتلىدى.
1299187
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان پاكتىيا ۋىلايىتىدە يول بويىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبا پۇقرالار ئولتۇرغان بىر ئاپتوموبىل ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئەسنادا پارتلاپ، 7 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.
جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى خادىملىرى، بومبىنىڭ مەزكۇر جايغا تالىبان تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى. تالىبان بولسا، بۇ ھەقتە ھازىرغىچە ھېچقانداق بايانات بەرمىدى.
ئافغانىستاننىڭ تاخار ۋىلايىتىدە تۈنۈگۈنمۇ بومبا پارتلاپ 9 كىچىك بالا جېنىدىن ئايرىلغانىدى.