ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن پارتلاشتا نۇرغۇن بالا ئۆلدى

ئافغانىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى تاھار ۋىلايىتىنىڭ داركاد ناھىيەسىدە مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتا 9 بالا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1298973
ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن پارتلاشتا نۇرغۇن بالا ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، داركاد ناھىيەسىنىڭ تاھىرى يېزىسىدا تالىبان تەرىپىدىن يول چېتىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بومبا ئوقۇغۇچىلار رايوندىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا پارتلىغان، پارتلاشتا 9 بالا ھاياتىدىن ئايرىلغان، بىر بالا يارىلانغان.

تالىبان بولسا بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئافغانىستانداتالىبان ئەزالىرىنىڭ  ھۇجۇمىدا ئىككى ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئافغانىستاننىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان سارىپۇل ۋىلايىتى سانچاراق ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى نەقىبۇللاھ دەقىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تالىبان ئەزالىرى سانچاراق ناھىيەسىنىڭ توپخانا رايونىدىكى ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلغان، بۇ جەرياندا ساقچىلار بىلەن تالىبان ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا، ئىككى ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئىككى ساقچى يارىلانغان، 15 تالىبان ئەزاسى ئۆلتۈرۈلگەن، 15 ى يارىلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر