ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس تۈركىيەگە كېلىدۇ
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس، ئىستانبۇل مۇرەسسەلەشتۈرگۈچىلىك مۇھاكىمە يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن ئەتە تۈركىيەگە كېلىدۇ.
1297155
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپى باياناتچىلىرىدىن فەرھان ھەق كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، «باش كاتىپ پەيشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا بولىدۇ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشىدۇ ۋە ئىستانبۇل مۇرەسسەلەشتۈرگۈچىلىك مۇھاكىمە يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ» دېدى.
ئۇ، ئانتونىئو گۇتېررېسنىڭ تەرەققىياتى ئەڭ ئارقىدا قالغان دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىش مەقسىتىدە تۈركىيەنىڭ گەبزە رايونىدا قۇرۇلغان تېخنولوگىيە بانكىسىنىمۇ ئېكسكۇرسىيە قىلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
كولۇمبىيەدە تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ 9 ئەسكەر قازا قىلدى
كولۇمبىيەدە تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بىر گېنېرالنى قوشقاندا، جەمئىي تۇققۇز ئەسكەر قازا قىلدى.