ئىسپانىيەدە كاتالونلار مۇستەقىللىق تەلەپ قىلغۇچىلارغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

ئىسپانىيەنىڭ شەرقىدىكى كاتالونىيە ئاپتونوم رايونىدا، مۇستەقىللىق تەلەپ قىلغۇچىلارغا قارشى چىققۇچى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ۋە سىياسىي پارتىيە ئەزالىرى نامايىش ئۆتكۈزدى.

1296209
ئىسپانىيەدە كاتالونلار مۇستەقىللىق تەلەپ قىلغۇچىلارغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى
barselona gosteri1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «كاتالونىيە خەلق تەشكىلاتى» ناملىق بىر تەشكىلاتنىڭ چاقىرىغا بىنائەن بارسېلونا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشنى ھاكىمىيەت بېشىدىكى سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيەسى بىلەن ئۆكتىچىلەر ئارىسىدىكى ئوڭچىل ئېقىمغا تەۋە سىياسىي پارتىيەلەرمۇ قوللاپ قۇۋۋەتلىدى.

ئىسپانىيە بايراقلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ يۈرۈش قىلغان تەخمىنەن 80 مىڭغا يېقىن نامايىشچى كاتولونىيەدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بارغانچە كۈچىيىۋاتقان مۇستەقىللىق تەلەپ قىلغۇچىلارغا قارشى «ئەمدى بولدى يېتەر!» دېگەن شوئارلارنى توۋلىشىپ، مۇستەقىللىق تەرەبدارى پارتىيەلەرنى بىرلىكتە ياشاش ئۈچۈن ماسلىشىشچان بولۇشقا چاقىرىق قىلىدى.

ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوسېپ بوررېل كاتالونىيەدە يېقىنقى ئىككى ھەپتىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە، تەخمىنەن 200 ساقچىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئامانلىقنى ساقلاش خادىملىرىغا كۆرسەتكەن پىداكارلىقى ئۈچۈن رەخمەت ئېيتتى.

بارسېلونادا ئايرىلىشنى خالايدىغان مۇستەقىللىق تەرەبدارى رادىكال گۇرۇپپىلارنىڭ شەنبە كۈنى كەچتە رۇخسەتسىز ئۆتكۈزگەن نامايىشلىرى ۋە ساقچىلارنىڭ مۇداخىلىسىدىن كېيىن يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە، 44 كىشى يارىدار بولغان ۋە 7 كىشى نازارەتكە ئېلىنغان ئىدى.

بارسېلونادا شەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇستەقىللىقنى تەلەپ قىلغۇچى گۇرۇپپىلارنىڭ رۇخسەتسىز نامايىشىغا بولسا، 350 مىڭدىن كۆپرەك كىشى قاتناشقان ئىدى.

مۇستەقىللىق تەلەپ قىلغۇچى نامايىشچىلار نازارەتتە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان كاتالونىيەلىك سىياسىىي شەخسلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ۋە ئۆز كەلگۈسىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھەق ھوقۇقىىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر