ئىسلامئاباد يۇقىرى سوتى ناۋاز شەرىفنى قويۇپ بېرىشنى قارار قىلدى

ئىسلامئاباد يۇقىرى سوت مەھكىمىسى، تۈرمىدە يۈرەك سانجىقى قوزغىلىپ قالغان پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى ناۋاز شەرىفنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتۇپ قويۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغان ئىلتىماسقا تۈنۈگۈن قاراپ چىقتى.

1295495
ئىسلامئاباد يۇقىرى سوتى ناۋاز شەرىفنى قويۇپ بېرىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چىرىكلىك قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل قىلىنغان دۆلەتلىك ھېساب ئېلىش بىيۇروسى ئادۋوكاتلىرىنىڭ شەرىفنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنىڭ تەكشۈرۈشكە تەسىر يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشىدىن كېيىن، سوت مەھكىمىسى شەرىفنى قويۇپ بېرىشنى قارار قىلدى.

مەھكىمە، فېدېراتىپ ھۆكۈمەت ۋە لاھور ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ شەرىفنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە ئېتىرازى بولسا، سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئالاقىدار ھۆججەتلەر بىلەن بىرلىكتە سەيشەنبە كۈنىگىچە سوت مەھكىمىسىگە سونۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە شەرىفنىڭ داۋالىنىش ئۈچۈن چەت ئەلگە چىقالمايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ناۋاز شەرىفنىڭ تۈنۈگۈن يېنىك دەرىجىدە يۈرەك سانچىقى قوزغالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر