ياپونىيە ئوتتۇرا شەرقكە ئەسكەر يوللايدىغان بولدى

ياپونىيە ئوتتۇرا شەرقتىكى سودا پاراخوتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىمغا قوشۇلماستىن، ئوتتۇرا شەرقكە ئايرىم قىسىم يوللاشنى پىلانلىماقتا.

1293532
ياپونىيە ئوتتۇرا شەرقكە ئەسكەر يوللايدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى موتېگى توشىمىتسۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن. تېلېفون سۆھبىتىدە، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىمغا قوشۇلماستىن، ئوتتۇرا شەرق دېڭىز يوللىرىنى قوغداشقا ياردەم قىلىش مەقسىتىدە رايونغا ئەسكەر يوللاشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سۆھبەتتە ئىككى مىنىستىر ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىكنى تۆۋەنلىتىش جەھەتتە ئوتتۇرا شەرقتە ئۆزئارا ھەمكارلىشىشقا ۋەدىلەشكەن. 

ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى موتېگى توشىمىتسۇ بىلەن مايك پومپىئو يەنە، ياپونىيە دېڭىزىدا قايتىدىن بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغان شىمالي كورېيە مەسلىسىدىمۇ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش كېلىشمى ھاسىل قىلغان.

ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا بىلەن يېقىن بىخەتەرلىك رىشتىسى بارلىقى، ئىران بىلەن بولغان ئەنئەنىۋىي دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، يىرىكچىلىكنى تۆۋەنلىتىشكە ھەسسە قوشۇش مەقسىتىدە، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىمغا قاتناشماستىن، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىش قارارى ئالغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. 

ياپونىيەنىڭ بۇ پىلان دائىرىسىدە ھازىر ئەرەب يېرىم ئارىلىدا چارلاش ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقان ۋە سومالىدا دېڭىز قاراقچىلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ئوتتۇرا شەرققە يوللىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر