پۇتىن بىلەن ماكرون سۈرىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون بىلەن سۈرىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

1292119
پۇتىن بىلەن ماكرون سۈرىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كرېمىل سارىيى بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكروننىڭ كۆرۈشۈپ، سۈرىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن ماكروننىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، سۈرىيە مەسىلىسى ئۈستىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ۋەزىيەتنىڭ تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى ۋە سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنىڭ تەكىتلەنگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

پۇتىن ماكرونغا رۇسىيەنىڭ رايوندىكى پائالىيەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەلۇمات بەرگەن بولۇپ، باياناتتا بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلدى:

«سۈرىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ئالاقە ئورنىتىلىشىدا، بارلىق ئېتنىك ۋە دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ مەنپەئەتلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىدا، رۇسىيەنىڭ كۆرسىتىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلدى.»

بىلدۈرۈلىشىچە، تېلېفون سۆھبىتىدە، ب د ت ھىمايىسى ئاستىدا جەنۋەدە مۇشۇ ئاي ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاساسىي قانۇن كومىتېتى رامكىسىدا، سۈرىيەدە دىيالوگنىڭ باشلىنىشىنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلەنگەن. ئىككى رەھبەر ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىمۇ مۇزاكىرە قىلغان ۋە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسىنى شەكىللەندۈرگەن «مىنسك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى پىلانى» دىن باشقا چارىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر