نانسىي پېلوسى ئافغانىستاندا كۈتۈلمىگەن زىيارەتتە بولدى

ئامېرىكا ئاۋام پالتاسىنىڭ دېموكراتچى باشلىقى نانسىي پېلوسى ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا كۈتۈلمىگەن زىيارەتتە بولدى.

1291976
نانسىي پېلوسى ئافغانىستاندا كۈتۈلمىگەن زىيارەتتە بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: نانسىي پېلوسى ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت ئاقغانىستان ئىجرائىيە كېڭىشى باشلىقى ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ بىلەن ئىجرائىيە كېڭىشى باشقارمىسىدىكى ئىشخانىسىدا ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى.

ئۇچرىشىشتا ئابدۇللاھ ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستانغا قىلغان ياردەملىرىگە رەخمەت ئېيتىپ، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق ياردەم قىلىشنى كۈتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئافغانىستان خەلقىنىڭ بىخەتەرلىك تەھدىتلىرىگە قارىماستىن، پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا ئاكتىپ قاتناىشىپ ئاۋاز بېلىتى تاشلىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئابدۇللاھ ئەمدىلىكتە سايلام نەتىجىلىرىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئاقغانىستان خەلقىگە نىسبەتەن تىنچلىقنىڭ ھەممە نەرسىدىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ۋە تىنچلىقنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ھەرتۈرلۈك ياردەمگە تەييار ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكا ئاۋام پالتاسىنىڭ دېموكراتچى باشلىقى نانسىي پېلوسىمۇ ئامېرىكانىڭ ئىستىراتېگىيەلىك شېرىكى بولۈ سۈپىتى بىلەن ئافغانىستانغا ياردەملىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئافغانىستانننىڭ قايتىدىن تېررورلۇقنىڭ ماكانىغا ئايلىنىپ قىلىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان پېلوسى، شۇ ۋەجىدىن ئافغانىستاندا يۈز بېرىۋاقتان بارلىق ئىشلارنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بىزلەر ئافغانىسان خەلقىنىڭ ساھىبخانلىقىدا تىنچلىقنىڭ بەرپا قىلىنىشىنى، بىخەتەرلىكنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلىشىنى، دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىدۇرۇلىشىنى ۋە ئافغانىستان خەلقىنىڭ خاتىرىجەملىك ئىچىدە ياشىشىنى خالايمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر