سۈرىيە چېگراسىغا زاپاس تانكىلار ئەۋەتىلدى
تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن سۈرىيە چېگراسىدىكى قىسىملارغا زاپاس تانكىلار ئەۋتىلدى.
1291216
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شانلىئۇرفادىكى 20 – بىرونىۋىك قوماندانلىق ئىشتابىدىن يولغا چىققان تانكا قاچىلانغان تەخمىنەن 15 ئاپتوموبىلدىن تەشكىل تاپقان ئاپتوموبىل ئەترىتى قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا چېگرا لىنىيەسىدىكى جەيلانپىنار ناھىيەسىگە قاراپ يولغا چىقتى.
ئىگىلىنىشىچە، ئاپتوموبىل ئەترىتى سۈرىيە چېگراسىدا تۇرۇشلۇق ھەربىي قىسىملارغا زاپاس ھەربىي ئەسلىھە سۈپىتىدە ئەۋەتىلگەن.