پومپىيو نېتانياھۇ بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا ھاسىل قىلىنغان سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىغا دائىر كېلىشىم توغرىسىدا سۆزلەشتى.

1290904
پومپىيو نېتانياھۇ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس، پەيشەنبە كۈنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەردىن كېيىن ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى تېل ئاۋىۋغا بارغان مايك پومپېيونىڭ ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشلىرى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

مايك پومپېيونىڭ نېتانياھۇ بىلەن قۇددۇستا كۆرۈشكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئورتاگۇس، «مىنىستىر بىلەن باش مىنىستىر ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا سۆزلەشتى» دېدى.

ئۇ يەنە، ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە رايون خاراكتېرلىك بىخەتەرلىك ۋە تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىغا ئالاقىدار كېلىشىمىنىڭ مۇھاكىمە قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر