نورگرامدا توقۇنۇش يۈز بەردى
ئافغانىستاننىڭ نۇرىستان ۋىلايىتىنىڭ نورگرام ناھىيەسىدە تالىبان ئەزالىرى بىلەن مۇھاپىزەتچىلەر ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.
1289890
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ نۇرىستان ۋىلايىتىنىڭ نورگرام ناھىيەسىدە تالىبان ئەزالىرى بىلەن مۇھاپىزەتچىلەر ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 6 مۇھاپىزەت جېنىدىن ئايرىلدى.
نورگرام ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى مۇدىرى مۇھەممەد جەمىل، تالىبان ئەزالىرىنىڭ ناھىيەدىكى مۇھاپىزەتچىلەر پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىشىدىن كېيىن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى، ۋەقەدە 6 مۇھاپىزەتچىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 2 مۇھاپىزەتچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
تالىبان تەرەپتىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بولسا، 9 خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.