سۇلايمانىييەدىكى بىر ساياھەت رايونىدا پارتلاش يۈز بەردى
ئىراقنىڭ سۇلايمانىييە شەھىرىدە يۈز بەرگەن، سەۋەبى ھازىرغىچە ئېنىقلىنالمىغان بىر پارتلاشتا 2 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.
1288792
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەھەللىي مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، ئىراقنىڭ سۇلايمانىييە شەھىرىنىڭ ساياھەت رايونى ئەزمەر تېغىدا سەۋەبى ئېنىقلىنالمىغان بىر سەۋەبتىن پارتلاش يۈز بېرىپ 2 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان، بىر قانچە كىشى يارىلانغان.
ئىگىلىنىشىچە، ئالاقىدار تارماقلار ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىكەن.